ئولتۇر
oltur
بەدەننىڭ ئېغىرلىقىنى ساغرىغا تاشلاپ ئورۇندۇق، يەر قاتارلىقلارغا قونماق؛ شۇ ھالەتتە تۇرماق.
- English
- sit, sit down
- 中文
- 坐
- Türkçe
- oturmak
- ئالىم ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى ئىشىكى تەرىپىدىكى بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى.
- ئادەمنى ئەنسىرەتمەي جىم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار!
قارشى مەنىلىك: تۇر
(قۇياش، ئاي توغرۇلۇق) ئۇپۇقتىن پەسكە چۈشۈپ كۆرۈنمەس بولماق.
- English
- set
- 中文
- 落(日)
- Türkçe
- batmak
- ئادەتتە كۈن چىقتى، كۈن ئولتۇردى دېگىنىمىزدە، نېمىنى پايدىلىنىش سىستېمىسى قىلغان بولىمىز؟
مەنىداش: پات
قارشى مەنىلىك: چىق
مەلۇم يەردە تۇرالغۇسى بولۇپ ياشىماق.
- English
- live, reside
- 中文
- 住、居住
- Türkçe
- oturmak, ikamet etmek
- سىلەر شەھەرنىڭ قايسى يېرىدە ئولتۇرىسىلەر؟
مەنىداش: تۇر