لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تۇر

tur

  1. پۇتى بىلەن يەرگە تىرىلىپ تىك ھالەتتە بولماق؛ ئولتۇرغان ياكى ياتقان ھالەتتىن ئورنىدىن قوپماق.

    English
    stand, get up
    中文
    站、起来、起床
    Türkçe
    durmak, kalkmak
    • ئۇ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ بىزنى ساقلىدى.
    • مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدە تۇرىمەن.

    قارشى مەنىلىك: ئولتۇر

  2. مەلۇم بىر جايدا ياشىماق، ئولتۇراقلاشماق؛ ۋاقىتلىق قالماق.

    English
    live, stay, reside
    中文
    住、居住、待
    Türkçe
    oturmak, kalmak
    • ئۇلار ھازىر ئۈرۈمچىدە تۇرىدۇ.
    • بىز بۇ مېھمانخانىدا ئۈچ كۈن تۇردۇق.
  3. مەلۇم ھالەتتە ياكى سۈپەتتە بولماق، داۋاملىق شۇ ھالەتنى ساقلىماق.

    English
    be, remain
    中文
    处于、保持
    Türkçe
    durmak, olmak
    • -بۈگۈن سۇ ئۇلۇغ ۋە لاي تۇرىدۇ.
    • ئىشىك ئوچۇق تۇرۇپتۇ.
  4. ‹-پ› ھال پېئىلىدىن كېيىن كېلىپ، ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ياكى ۋاقىت-ۋاقىت تەكرارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ياردەمچى پېئىل؛ ‹-پ› شەكلىدە «شۇنى بىلگەن ھالدا، شۇنداقتىمۇ» مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ.

    中文
    (表示持续)着
    Türkçe
    -ıp durmak
    • -دېگەنلىرىدەك بولدى، -دەپتۇ بالا كۈلۈپ تۇرۇپ.
    • -مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆڭلىكىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنى مەسئۇتقا بېرىۋېتىسەن؟