لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

چىق

chiq

  1. ئىچكىرىدىن سىرتقا ماڭماق.

    English
    go out, come out, exit
    中文
    出、出去
    Türkçe
    çıkmak
    • -ھازىرلا ئۆيىڭىزدىن چىقىپ كېتىمەن، ھېچنېمە تەلەپمۇ قىلمايمەن. بىزدىن رازى بولۇڭ مىڭبېگى!

    قارشى مەنىلىك: كىر

  2. پەستىن ئېگىز يەرگە ئۆرلىمەك.

    English
    climb, go up
    中文
    上、登
    Türkçe
    çıkmak, tırmanmak
    • ئۇلار ئەتىگەندە تاغقا چىقتى.

    قارشى مەنىلىك: چۈش

  3. پەيدا بولماق، كۆرۈنمەك.

    English
    rise, appear, come up
    中文
    出现、升起
    Türkçe
    doğmak, çıkmak
    • كۈن چىقتى، ھاۋا ئىللىپ قالدى.
  4. نەشر قىلىنماق ياكى ياسىلىپ بازارغا سېلىنماق.

    English
    be published, come out
    中文
    出版
    Türkçe
    çıkmak, yayımlanmak
    • «بىلىم — كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ ئىككىنچى سانى نەشردىن چىقتى.
  5. نەتىجىدە مەلۇم ھالەتتە ئىكەنلىكى ئايان بولماق.

    English
    turn out (to be)
    中文
    结果是、证明是
    Türkçe
    çıkmak
    • «قانداق، مېنىڭ پىكرىم توغرا چىقتىمۇ؟» دېگەندەك قىلىپ، ئۇنىڭغا كۆرەڭلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى.
  6. گرامماتىكا (-ىپ، -ۇپ، -ۈپ قوشۇمچىلىق پېئىلدىن كېيىن ياردەمچى پېئىل بولۇپ كېلىپ) ھەرىكەتنىڭ باشتىن-ئاخىر تولۇق ئورۇندالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    中文
    完
    • ئۇ كىتابنى بىر كۈندىلا ئوقۇپ چىقتى.