ئۇقۇم
uqum
نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ ئومۇمىي ۋە ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان تەپەككۇر شەكلى.
- English
- concept, notion
- 中文
- 概念
- Türkçe
- kavram
- ئامېرىكىدا «يەھۇدىيلارنىڭ ئامېرىكىنى كونترول قىلىشى» دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار.
- ئاپتورنىڭ بۇ يەردىكى ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۇقۇمى ھەققىدىكى قارىشى باشتىكى قارىشىدىن پەرقلىنىدۇ.
بىرەر نەرسە ھەققىدىكى چۈشەنچە، بىلىم.
- English
- idea, understanding
- 中文
- 概念、认识
- Türkçe
- fikir, bilgi
- مېنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇقۇمۇم يوق.
مەنىداش: چۈشەنچە