چۈشەنچە
chüshenche
بىرەر ئىش ياكى نەرسە توغرىسىدىكى بىلىش، تونۇش
- English
- understanding, knowledge
- 中文
- 了解、理解
- Türkçe
- anlayış, bilgi
- توي قىلىشتىن ئىلگىرى، سىز چوقۇم يىگىتىڭىزگە نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىڭىز كېرەك.
- ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچىسى يوق ئىكەن.
بىرەر نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان سۆز ياكى يازما
- English
- explanation, note
- 中文
- 说明、解释
- Türkçe
- açıklama
- ئادرېس ۋە دائىرە نامى ھەققىدە چۈشەنچە. ئىنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان دوستلار ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيال.
كۆز قاراش، ئىدىيە، قاراش
- English
- notion, view
- 中文
- 观念
- Türkçe
- anlayış, görüş
- ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ تۈرلۈك سىياسىي كۆز قاراش، ئىقتىسادىي چۈشەنچە، ئىجتىمائىي تەشەببۇسلار مەۋجۇت.