لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

توغرا1

toghra

  1. ھەقىقەتكە، قائىدىگە ماس كېلىدىغان؛ خاتا ئەمەس.

    English
    correct, right
    中文
    对、正确
    Türkçe
    doğru
    • «قانداق، مېنىڭ پىكرىم توغرا چىقتىمۇ؟» دېگەندەك قىلىپ، ئۇنىڭغا كۆرەڭلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى.
    • -ھەببەللى، توغرا يېزىپسىز، قىزىم، -دېدى مىرزا مەھمۇد سۆيۈنۈپ،

    مەنىداش: دۇرۇس

    قارشى مەنىلىك: خاتا

  2. ئەگرى ئەمەس، تۈز؛ بىر يۆنىلىشتە ماڭىدىغان.

    English
    straight, direct
    中文
    直、笔直
    Türkçe
    düz, dosdoğru
    • بۇ يول توغرا شەھەر مەركىزىگە بارىدۇ.

    مەنىداش: تۈز

    قارشى مەنىلىك: ئەگرى