تۈز1
tüz
پىلان، لايىھە، تىزىملىك، لۇغەت قاتارلىقلارنى مەلۇم تەرتىپ بويىچە ئىشلەپ چىقماق.
- English
- draw up, compile, draft
- 中文
- 制定、编制、编写
- Türkçe
- hazırlamak, düzenlemek, derlemek
- ئالدىن پىلان تۈزۈپ، پىلان بويىچە تەرتىپ بىلەن ئىشنى پۈتتۈرۈش ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
- ئۇلار يېڭى دەرسلىك تۈزۈۋاتىدۇ.
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم، شەرتنامە قاتارلىقلارنى ئىمزالاپ بېكىتمەك.
- English
- conclude, sign
- 中文
- 签订、缔结
- Türkçe
- akdetmek, imzalamak
- «بۈگۈندىن باشلاپ، ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، سۈلھى تۈزۈش ئۈچۈن تاغقا ئەلچى چىقىرىلغاي.»
- ئىككى شىركەت ھەمكارلىق توختامى تۈزدى.