لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

چەك2

chek

  1. تاماكا، چىلىم قاتارلىقلارنىڭ ئىسىنى ئېغىزغا شوراپ چىقارماق.

    English
    smoke
    中文
    抽(烟)、吸(烟)
    Türkçe
    içmek
    • ئۇ كۈنىگە بىر قاپ تاماكا چېكىدۇ.
  2. جاپا، ئازاب، زىيان قاتارلىقلارغا ئۇچرىماق، ئۇنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەك.

    English
    suffer, endure, undergo
    中文
    遭受、受(苦)
    Türkçe
    çekmek
    • ئۇ ياشلىقىدا كۆپ جاپا چەككەن.
    • شىركەت بۇ يىل زور زىيان چەكتى.

    مۇناسىۋەتلىك: تارت

  3. بارماق ياكى بىرەر نەرسە بىلەن ئاستا ئۇرۇپ ئاۋاز چىقارماق.

    English
    knock, tap
    中文
    敲、叩
    Türkçe
    vurmak, tıklatmak
    • ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر، چېنە ئالساڭ چېكىپ.
    • بىرى ئىشىكنى ئاستا چەكتى.
  4. كومپيۇتېر كومپيۇتېر ياكى تېلېفون ئېكرانىدىكى بىرەر بەلگە ياكى ئۇلىنىشنى چاشقىنەك ياكى بارماق بىلەن بېسىپ ئاچماق.

    English
    click, tap
    中文
    点击
    Türkçe
    tıklamak
    • تەپسىلاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.
  5. ئاھ، ئۇھ قاتارلىق ئاۋازلارنى ئىچىدىن چىقارماق.

    English
    heave (a sigh)
    中文
    叹(气)
    Türkçe
    (iç) çekmek
    • ئۇ ئېغىر بىر ئۇھ چەكتى.