يوللا
yolla
خەت، يۈك، پۇل قاتارلىقلارنى بىرەر ۋاسىتە ئارقىلىق باشقا جايغا ياكى كىشىگە ئەۋەتمەك.
- English
- send, dispatch
- 中文
- 寄、发送、送
- Türkçe
- göndermek, yollamak
- ئانام ماڭا پوچتا ئارقىلىق بىر قۇتا ئۈزۈم يوللىدى.
مەنىداش: ئەۋەت
ئۇچۇر، رەسىم، ماقالە قاتارلىقلارنى تور ئارقىلىق باشقىلارغا ئەۋەتمەك ياكى تور بەتكە چىقارماق.
- English
- post, upload, send
- 中文
- 发、发布、上传
- Türkçe
- göndermek, paylaşmak
- ئاتىلارغا بېغىشلىغان بۇ شېئىرلىرىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز.
- ئادرېس يوللاش چەكلەندىما؟ بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟