ئەۋەت
ewet
بىرەر نەرسىنى پوچتا، ئادەم ياكى تور ئارقىلىق باشقا يەرگە ياكى باشقا بىرىگە يەتكۈزمەك.
- English
- send
- 中文
- 寄、发送
- Türkçe
- göndermek, yollamak
- بولكىنى كېچىلەپ ئەۋەتىپ بېرىمىز. ماشىنىدا ئەۋەتىمىز.
- ماڭا بۇ سۈرەتنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەر.
مەنىداش: يوللا
بىرەر كىشىنى مەلۇم ئىش ياكى ۋەزىپە بىلەن باشقا يەرگە ماڭدۇرماق.
- English
- send, dispatch
- 中文
- 派、派遣
- Türkçe
- göndermek
- ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، كىشىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆر.
- بالىلىرىدىن بىرەرىنى بالا قىلىۋېلىشىمغا بېرەمدىكىن، سوراپ باق، دەپ ئەۋەتتى.
مۇناسىۋەتلىك: ماڭدۇر