يات1
yat
بەدەننى توغرىسىغا قىلىپ يەر، كارىۋات قاتارلىقلارغا قويماق.
- English
- lie down, lie
- 中文
- 躺、卧
- Türkçe
- yatmak, uzanmak
- ئۇ چارچاپ كەتكەنلىكتىن دىۋانغا يېتىپلا ئۇخلاپ قالدى.
قارشى مەنىلىك: تۇر
ئۇخلاش ئۈچۈن ئورۇنغا كىرمەك؛ ئۇخلىماق.
- English
- go to bed, sleep
- 中文
- 睡觉、就寝
- Türkçe
- yatmak, uyumak
- ئاخشىمى خۇپتەن نامىزىدا ياكى ياتقان ۋاقتىڭىزدا ئاللاھتىن سەھەر تۇرۇشقا نېسىپ قىلىشنى چىن قەلبىڭىزدىن تىلەڭ.
- بالىلار ھەر كۈنى كەچ سائەت توققۇزدا يېتىدۇ.
مەنىداش: ئۇخلا
بىرەر جايدا (دوختۇرخانا، تۈرمە قاتارلىق) مەلۇم ۋاقىت تۇرماق.
- English
- stay, be (in hospital, prison)
- 中文
- 住(院)、待
- Türkçe
- yatmak, kalmak
- دادام ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىر ھەپتە دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقتى.