لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

نۆۋەت

nöwet

  1. بىر قانچە كىشى ياكى ئىش رەت بويىچە ئالمىشىپ كەلگەندە، ھەر بىرىگە توغرا كېلىدىغان ئورۇن ياكى پۇرسەت.

    English
    turn
    中文
    轮、轮次、顺序
    Türkçe
    sıra
    • ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن ئاخىر نۆۋەت ماڭا كەلدى.
  2. بىرەر ئىشنىڭ قايتىلىنىشىدىكى ھەر بىر قېتىمى.

    English
    time, occasion, round
    中文
    次、回
    Türkçe
    kez, defa
    • «ئەرگە بىر نۆۋەت يەرگە بىر نۆۋەت» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ.
    • ئالىمجاننىڭ بۇ نۆۋەتتە ئىلتىماس قىلغىنى پەقەت ھاۋانى ئېنېرگىيە قىلىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ماتور.

    مەنىداش: قېتىم

  3. ھازىرقى ۋاقىت، ھازىر (ئورۇن كېلىشى ياكى «-دىكى» قوشۇمچىسى بىلەن قوللىنىلىدۇ).

    English
    now, currently, present
    中文
    目前、当前
    Türkçe
    şu an, şimdiki
    • ئالىمجاننىڭ نۆۋەتتە تىزىملاتقان بۇ بىر تۈرىمۇ خەلقئارالاشسا نوبېل مۇكاپاتىغا شەكسىز ئېرىشىدۇ.
    • نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىزدىن تېخىمۇ تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    مەنىداش: ھازىر