لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ھازىر1

hazir

  1. سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا؛ بۇ چاغدا، نۆۋەتتە.

    English
    now, at present, currently
    中文
    现在、目前
    Türkçe
    şimdi, şu an
    • ئاشۇ ئىدارىدە ھازىر بىر ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
    • ئۇ ھازىر ئۆيدە يوق.

    مەنىداش: نۆۋەتتە

  2. ناھايىتى تېز ئارىدا؛ دەرھال.

    English
    right away, in a moment
    中文
    马上、立刻
    Türkçe
    hemen, şimdi
    • سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، ھازىر كېلىمەن.

    مەنىداش: دەرھال

  3. (ئىسىم سۈپىتىدە) بۇ چاغ؛ كىشىلەر ياشاۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋاقىت.

    English
    the present, now
    中文
    现在
    Türkçe
    şimdi, bugün
    • ئۇ ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىدى.