سورا
sora
بىلمىگەن نەرسىسىنى بىلىش ئۈچۈن باشقىلارغا سوئال قويماق.
- English
- ask, inquire
- 中文
- 问、询问
- Türkçe
- sormak
- «ھەر قانداق ۋاقىتتا سوئالىڭ بولسا، مەندىن تارتىنماي سورا» دەپ تۇردۇم.
- -ئەمسە، بۇنىڭدا رەسىملەرمۇ بارمۇ؟ -دەپ سورىدى قەيسەر تېخىمۇ قىزىقىپ.
قارشى مەنىلىك: جاۋاب بەر
مۇناسىۋەتلىك: سوئال
بىرەر نەرسە بېرىشنى ياكى بىرەر ئىش قىلىشنى ئۆتۈنمەك، تەلەپ قىلماق.
- English
- ask for, request
- 中文
- 要、请求
- Türkçe
- istemek, rica etmek
- ئۇ مۇدىردىن ئىككى كۈن رۇخسەت سورىدى.
مەنىداش: ئۆتۈن