سوئال
so'al
جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن سورالغان گەپ.
- English
- question
- 中文
- 问题、提问
- Türkçe
- soru
- ئۇ ئۆزى توغرىلىق گەپلىرىنى تۈگىتىپ مەندىن سوئال سوراشقا باشلىدى.
قارشى مەنىلىك: جاۋاب
ھەل قىلىشقا ياكى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە؛ ئىمتىھان ياكى كۆنۈكمىدىكى تاپشۇرۇق.
- English
- question, problem, issue
- 中文
- 问题、题
- Türkçe
- soru, sorun, mesele
- ئۇنداقتا بۇ يەردە بىر سوئال تۇغۇلىدۇ.
- ئىمتىھاندىكى ئاخىرقى سوئال بەك قىيىن ئىكەن.
مەنىداش: مەسىلە