ئېتىقاد
étiqad
دىن بىرەر دىنغا ياكى ئىلاھقا چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىش؛ دىنىي ئىشەنچ.
- English
- faith, religious belief
- 中文
- 信仰、宗教信仰
- Türkçe
- inanç, itikat, iman
- ھەر كىمنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار.
- ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئېتىقادى دۇنيادىكى باشقا كىشىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
مەنىداش: ئىمان
بىرەر ئىدىيەگە، پىرىنسىپقا ياكى قىممەتكە بولغان قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش.
- English
- belief, conviction
- 中文
- 信念、信仰
- Türkçe
- inanç, kanaat
- ئاياللارنى ئەزىز كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلانغانىدى.
- ئۇلار ئۈچۈن ھازىر مۇشۇ مۇقام بەخت ھەم ئېتىقاد.
مۇناسىۋەتلىك: ئىشەنچ