لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئىمان

iman

  1. دىن خۇداغا ۋە دىننىڭ ئاساسلىرىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىش

    English
    faith, belief
    中文
    信仰、信念
    Türkçe
    iman
    • ئادەملىرىمىزگە تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلارنىلا ئەمەس، ئىماننى بۇزىدىغان ئىشلارنىمۇ دەپ قويۇش كېرەك ئىدى.
    • بۇ دۇنيادا جان كېرەك، ئۇ دۇنيادا ئىمان.
  2. ئادەمنىڭ ئىنساپ، ۋىجدان ۋە دىيانىتى

    English
    conscience, integrity
    中文
    良心、良知
    Türkçe
    vicdan
    • ئىمانى بولمىغىنى بىلەن ئىنساپى بار پادىشاھ ئۇ.
    • ئىمانى بار ئادەم يېتىمنىڭ ھەققىنى يېمەيدۇ.