ئۇر
ur
قول، تاياق قاتارلىقلار بىلەن كۈچ چىقىرىپ بىرەر كىشى ياكى نەرسىگە تەگكۈزمەك، ساقماق.
- English
- hit, beat, strike
- 中文
- 打、击
- Türkçe
- vurmak, dövmek
- «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى» دېگەن شۇ دە.
- ئۇ ئاچچىقىدا ئۈستەلنى مۇشتى بىلەن ئۇردى.
مەنىداش: سوق
ئىشىك، دېرىزە قاتارلىقلارنى چېكىپ ئاۋاز چىقارماق؛ داپ، دۇمباق قاتارلىق چالغۇلارنى چالماق.
- English
- knock, beat (a drum)
- 中文
- 敲、打(鼓)
- Türkçe
- kapı çalmak, davul çalmak
- بىرەيلەن ئىشىكنى ئۇردى.
- ئۇ تويدا داپ ئۇرۇپ ناخشا ئېيتتى.
مەنىداش: چەك
توپقا زەربە بېرىپ ئاتماق؛ توپ كىرگۈزمەك.
- English
- kick, shoot, hit (a ball)
- 中文
- 踢、射(球)
- Türkçe
- vurmak, şut çekmek
- ئاخشامقى مۇسابىقىدە، ئۆركەشنى نۇقتا توپنى ئۇرالماسمىكىن دەپ ئويلىسام راست دېگەندەك ئۇرالمىدى.
مۇناسىۋەتلىك: توپ
ئېغىز تىلى تېلېفون، تېلېگراممىلارنى قىلماق، ئەۋەتمەك.
- English
- make (a phone call), send (a telegram)
- 中文
- 打(电话)、发(电报)
- Türkçe
- (telefon) açmak, (telgraf) çekmek
- ئۆيگە كەلگەندە ماڭا تېلېفون ئۇرۇڭ.