لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

سوق

soq

  1. قول ياكى بىرەر نەرسە بىلەن قاتتىق ئۇرماق.

    English
    hit, strike, bang
    中文
    打、撞击
    Türkçe
    vurmak, çarpmak
    • ئۇ ئاچچىقىدا ئۈستەلنى مۇشتى بىلەن سوقتى.

    مەنىداش: ئۇر

  2. مېتالنى قىزىتىپ بولقا بىلەن ئۇرۇپ ئەسۋاب ياسىماق.

    English
    forge
    中文
    锻造、打造
    Türkçe
    dövmek
    • بۇ زۇلپىقارنى ئۆز ۋاقتىدا مەن ھەسەن ۋەزىرگە سوقۇپ بەرگەنتىم.
    • تۆمۈرچى ئوتتا قىزىتىپ بىر پىچاق سوقتى.
  3. شامال چىقماق، چىقىپ ئۇرماق.

    English
    blow
    中文
    刮、吹
    Türkçe
    esmek
    • كەچتە سالقىن شامال سوقتى.
  4. يۈرەك ياكى تومۇر رېتىملىق ھالدا ئۇرماق.

    English
    beat, pound
    中文
    跳动
    Türkçe
    atmak, çarpmak
    • ھاياجاندىن يۈرىكىم تېز سوقۇپ كەتتى.
  5. لاي ياكى توپىنى قېلىپقا سېلىپ تام ياسىماق.

    English
    build (a wall)
    中文
    筑、打(墙)
    Türkçe
    örmek
    • ئۇلار ھويلىنىڭ ئەتراپىغا تام سوقتى.