ئۆستۈر
östür
ئۆسۈملۈك تېرىپ ياكى ھايۋان بېقىپ، ئۇنى ئۆسۈپ چوڭ بولىدىغان قىلماق؛ يېتىشتۈرمەك.
- English
- grow, cultivate, raise
- 中文
- 种植、培育、养
- Türkçe
- yetiştirmek
- زىغىرنىڭ ئۇرۇقى ياپىلاق تۇخۇمسىمان شەكىلدە بولۇپ، سالقىن، نەم كىلىماتتا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
- ئانام ھويلىدا گۈل ئۆستۈرىدۇ.
مەنىداش: يېتىشتۈر
چاچ، ساقال، تىرناق قاتارلىقلارنى كەسمەي ئۇزۇن قىلىپ قويماق.
- English
- grow (hair, beard)
- 中文
- 留(长)、蓄
- Türkçe
- uzatmak, bırakmak
- ئۇ ساقىلىنى ئۆستۈرۈۋاپتۇ.
مىقدار، باھا، دەرىجە قاتارلىقلارنى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيتمەك، يۇقىرى كۆتۈرمەك.
- English
- raise, increase
- 中文
- 提高、增加
- Türkçe
- artırmak, yükseltmek
- بىزنىڭ شىركەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرمۇ مائاشنى سەل ئۆستۈرۈپ بەرسەڭ بولاتتى، دەپ بېشىمنى ئاغرىتىۋاتىدۇ.
- شۇنداقلا يەنە تاۋارلىرىنى ئەرزان باھادا ئېكسپورت قىلىپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشكە ھەم پايدا ئېلىشقا ئېھتىياجلىق.
مەنىداش: كۆتۈر
قارشى مەنىلىك: تۆۋەنلەت
بىلىم، ئىقتىدار، سەۋىيە قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرماق، تەرەققىي قىلدۇرماق.
- English
- develop, improve
- 中文
- 提高、培养
- Türkçe
- geliştirmek
- كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق تىل ئىقتىدارىڭنى ئۆستۈرەلەيسەن.