لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

يېتىشتۈر

yétishtür

  1. ئۆسۈملۈك تېرىپ ياكى ھايۋان بېقىپ ئۆستۈرمەك.

    English
    grow, raise, cultivate
    中文
    种植、培育
    Türkçe
    yetiştirmek
    • ئادەتتىكى مىللىي توخۇ بىلەن يېتىشتۈرگەن شالغۇت توخۇ تۇخۇمىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟
    • دېھقانلار بۇ يىل كۆپ پاختا يېتىشتۈردى.
  2. كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، بىلىملىك ۋە ماھارەتلىك قىلىپ چىقارماق.

    English
    train, educate, bring up
    中文
    培养
    Türkçe
    yetiştirmek
    • ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تەربىيە ئەلۋەتتە ئىككى خىل كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.
    • ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە قارا خىزمەتچى بوپتۇ.

    مەنىداش: تەربىيەلە