كۈت
küt
بىرەر كىشى ياكى ئىشنىڭ كېلىشىنى ساقلىماق
- English
- wait, wait for
- 中文
- 等、等待
- Türkçe
- beklemek
- -سىزنى كېلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغانىدىم.
- -ئۇستازنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىغا كۆپ تەشەككۈر.
مەنىداش: ساقلا
بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلماق
- English
- expect, look forward to
- 中文
- 期待、期望
- Türkçe
- beklemek, ummak
- ئاخىرى كۈتكەن كۈنمۇ يېتىپ كەلدى. مېنىڭ تويۇممۇ باشلاندى. تويۇم بەك قىزىپ كەتتى.
- بۇنداق نەتىجىنى ھېچكىم كۈتمىگەنىدى.
مېھماننى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلماق
- English
- receive, host, serve
- 中文
- 招待、接待
- Türkçe
- ağırlamak
- ئۇلار مېھمانلارنى ئوبدان كۈتتى.