لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ساقلا

saqla

  1. نەرسىنى يوقاتماي، بۇزماي بىر جايدا تۇتۇپ تۇرماق.

    English
    keep, store, save, preserve
    中文
    保存、储存、保管
    Türkçe
    saklamak, korumak
    • مېۋىلەرنى سالقىن جايدا ساقلاش كېرەك.
    • ھۆججەتنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن ساقلاپ قويۇڭ.
  2. بىر كىشى ياكى ئىشنىڭ كېلىشىنى توختاپ كۈتمەك.

    English
    wait (for)
    中文
    等、等待
    Türkçe
    beklemek
    • ئاشۇ ئاندا-ساندا گەپ قىلىدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ خويمۇ زېرىكتۇق.
    • -شۇنداقمۇ؟ ھەي، بەش يىل بەك ئۇزاق ئىكەن، مەن ساقلاپ تۇرالمايمەن.

    مەنىداش: كۈت

  3. خەتەر، زىيان ياكى بۇزۇلۇشتىن قوغدىماق.

    English
    protect, guard
    中文
    保护、维护
    Türkçe
    korumak
    • ئابرۇيۇڭنى باشلىقتىن ساقلا، چاپىنىڭنى يېڭى چېغىدىن.

    مەنىداش: قوغدا