لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

قويۇق

qoyuq

  1. (سۇيۇقلۇق) سۇيۇق ئەمەس، تىغىز.

    English
    thick
    中文
    稠的、浓的
    Türkçe
    koyu, kıvamlı
    • ئالقات مۇرابباسىنىڭ رەڭگى سارغۇچ، تەمى چۈچۈمەل كېلىدۇ، ئانچە قويۇق بولمايدۇ.
    • قويۇق ئۈگرە ئاش.

    قارشى مەنىلىك: سۇيۇق

  2. زىچ، تىغىز ئۆسكەن ياكى قويۇلغان (تۇمان، ھور، ئوت-چۆپ، چاچ).

    English
    dense, thick
    中文
    浓密的、密的
    Türkçe
    sık, yoğun
    • ئاشخانىدىن قويۇق ھور چىقماقتا، ھور بىلەن لەززەتلىك تاماقنىڭمۇ پۇرىقى تارقالماقتا ئىدى.
    • ئاۋۇ قويۇق قىياق باسقان يەر بۇ يىل تۆتىنچى يىلى بوز ياتماقتا،

    مەنىداش: زىچ

    قارشى مەنىلىك: شالاڭ

  3. (چاي، رەڭ) كۈچلۈك، توق.

    English
    strong, deep
    中文
    浓的、深的
    Türkçe
    koyu, demli
    • ماڭا قويۇق چاي دەملەپ بېرىڭ.