لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

زىچ

zich

  1. ئارىلىقى يېقىن، قويۇق ئورۇنلاشقان

    English
    dense, compact, tight
    中文
    密、稠密、紧密
    Türkçe
    sık, yoğun
    • ئۇنىڭ ئەتراپىغا دۇنيادىكى خىل، ئەقىل-ئىدراكلىق، بىلىملىك كىشىلەر زىچ توپلاندى.
    • بۇ يەردە ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان.

    قارشى مەنىلىك: شالاڭ

  2. مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن

    English
    close, intimate
    中文
    密切的
    Türkçe
    sıkı, yakın
    • ئىسسىنىشقا ئىشلىتىدىغان يېقىلغۇلارنىڭ ھەممىسى قۇياش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    • ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى شۇنى كۆرسەتتىكى، جىسىمنىڭ ئېنېرگىيەسى بىلەن ماسسىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.