تۈركۈم
türküm
بىرلىكتە كەلگەن ياكى بىر قېتىمدا ئىشلەنگەن ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ توپى.
- English
- group, batch
- 中文
- 批、组
- Türkçe
- grup, parti
- ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇنجى تۈركۈم ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
- "كۈلەيمۇ يا يىغلايمۇ" قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھېكايىلەرنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى.
مەنىداش: توپ
ئورتاق ئالاھىدىلىكى بويىچە ئايرىلغان تۈر، سىنىپ.
- English
- category, class
- 中文
- 类别、类
- Türkçe
- sınıf, kategori
- سۆزلەر مەنە ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى بويىچە سۆز تۈركۈملىرىگە بۆلىنىدۇ.
مەنىداش: تۈر