تۈر1
tür
ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار نەرسىلەرنىڭ بىر گۇرۇپپىسى؛ خىل.
- English
- kind, type, category
- 中文
- 种类、类
- Türkçe
- tür, çeşit
- ئاھالىلەر ئەخلەتنى توغرا تۈرگە ئايرىپ تاشلىسىلا، مۇناسىپ نومۇرغا ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە يىغىلغان نومۇرنى سوۋغاتقا ئالماشتۇرالايدۇ
- بۇ دۇكاندا مېۋىنىڭ نۇرغۇن تۈرى بار.
مەنىداش: خىل
پىلانلانغان ئىش، قۇرۇلۇش ياكى پائالىيەتنىڭ ئايرىم بىر قىسمى؛ مۇسابىقىدىكى ئايرىم بەسلىشىش.
- English
- project, item, event
- 中文
- 项目
- Türkçe
- proje, kalem, branş
- ئۇ ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقىرىپ ئاخىرى تەيۋەنلىك سودىگەرنى بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشقا ماقۇل كەلتۈردى.
- ئۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۈچ تۈردە قاتناشتى.
ئورۇن كېلىشى شەكلىدە سۈپەتتىن كېيىن كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ قانداق ئۇسۇلدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
- English
- manner
- 中文
- 地
- Türkçe
- şekilde
- ئادەم جاپالىق ئىشلىگەنگە، ئىزچىل تۈردە قاتتىق تىرىشقانغا ئۆلۈپ قالمايدۇ.