ئۇچ1
uch
قۇش، ئايروپىلان قاتارلىقلار ھاۋادا ھەرىكەت قىلماق
- English
- fly
- 中文
- 飞
- Türkçe
- uçmak
- قۇشلار جەنۇبقا ئۇچۇپ كەتتى.
مۇناسىۋەتلىك: قون
ناھايىتى تېز ئۆتمەك ياكى چاپماق
- English
- fly, rush
- 中文
- 飞驰、飞逝
- Türkçe
- uçmak, koşmak
- «ۋاقىت ئاتقان ئوق، ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتەر»
- ئاتلارنىڭ ھەممىسى تۇيۇقسىز ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشكە باشلىدى.
رەڭ، پۇراق قاتارلىقلار سۇسلىشىپ يوقالماق.
- English
- fade
- 中文
- 褪色、消散
- Türkçe
- solmak, uçmak
- كۆڭلەكنىڭ رەڭگى ئۇچۇپ كېتىپتۇ.