لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

يەش

yesh

  1. باغلانغان ياكى تۈگۈلگەن نەرسىنى بوشاتماق

    English
    untie, undo
    中文
    解开
    Türkçe
    çözmek
    • ئاندىن، دوستلىرى باغلانغان ئارغامچىلارنىمۇ يېشىپ دەرەخكە باغلاپ قويۇپتۇ ۋە ئۇلارنى باشلاپ قېچىپتۇ.
  2. مەسىلە ياكى تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپماق

    English
    solve
    中文
    解答、解决
    Türkçe
    çözmek
    • ئۆگەنگەن گېئومېتىرىيە ۋە ئالگېبرا بىلىملىرىمىزنى ئىشلىتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يېشىشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.
  3. (كىيىمنى) سالماق

    English
    take off
    中文
    脱
    Türkçe
    çıkarmak
    • ئۇ تونىنى يېشىپ مىخقا ئاستى.