لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئۇلۇغ

ulugh

  1. ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر، بۈيۈك

    English
    great, grand, eminent
    中文
    伟大、崇高
    Türkçe
    ulu, yüce, büyük
    • -ئۇلۇغ ئادەملەرمۇ جاللاتلىق قىلىدۇ قىزىم، سەن بۇنى تېخى بىلمەيسەن.
    • «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» بولسا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسىرى.

    مەنىداش: بۈيۈك

  2. (ئىسىم ئورنىدا) بۈيۈك ئادەم؛ ياشانغانلار

    English
    great person, elders
    中文
    伟人、长者
    Türkçe
    ulular, büyükler
    • ئۇلۇغلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش كېرەك.
  3. ئېغىز تىلى (سۇ ھەققىدە) كۆپىيىپ كەلگەن، تېشىپ ئاققان

    English
    high, swollen
    中文
    大的、上涨的
    Türkçe
    taşkın, coşkun
    • -بۈگۈن سۇ ئۇلۇغ ۋە لاي تۇرىدۇ.