لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

جەمئىيەت

jem'iyet

  1. ئورتاق تۇرمۇش، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلانغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي توپى.

    English
    society
    中文
    社会
    Türkçe
    toplum
    • ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسى بالىمىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.
    • ئاياللارنى ئەزىز كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلانغانىدى.