لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كۆرۈنۈش

körünüsh

  1. كۆز ئالدىدا ئۆتكەن ياكى كۆرۈنۈپ تۇرغان مەنزىرە، ھالەت

    English
    scene, sight, view
    中文
    景象、场面
    Türkçe
    görünüm, manzara
    • شۇ كۈننى ئەسلىگىنىمىزدە، ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.
  2. سىرتقى قىياپەت

    English
    appearance, look
    中文
    外表
    Türkçe
    görünüş
    • مەن مۇنداق كۆرۈنۈشتە تەكەببۇردەك قىلغان بىلەن كۆڭلۈمدە ئۇنداق ئەمەس.
  3. بىرەر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەت، ھادىسە

    English
    phenomenon, sign
    中文
    现象
    Türkçe
    belirti
    • كاللام بولسا ھاياتلىق كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان ئۆلۈك چۆللۈكتەك قۇپقۇرۇق ھەم جىمجىت ئىدى.