قوشۇل
qoshul
باشقا نەرسىگە قېتىلماق، ئۈستىگە كەلمەك
- English
- be added
- 中文
- 被加上
- Türkçe
- eklenmek
- .تۆۋەندىكى ئارقىمۇئارقا قوشۇلغان سانلارنى كۆپەيتىش ئەمىلى بىلەن ئىشلەپ بېقىڭلار.
بىرەر توپ ياكى ئىشقا ئارىلاشماق
- English
- join
- 中文
- 加入、参加
- Türkçe
- katılmak
- ئاسىيە بوۋىلىرى بىلەن قىرىم يەنى قازان تاتارلىرىغا قوشۇلۇپ قازاقىستانغا، سىبىرىيەگە ھەيدەلدى.
تەلەپ ياكى پىكىرگە رازى بولماق
- English
- agree, consent
- 中文
- 同意
- Türkçe
- razı olmak, katılmak
- ئاخىرىدا بىزنىڭ شىركەت مېنىڭ تەلىپىمگە قوشۇلدى.