جەريان
jeryan
بىرەر ئىش، ھادىسىنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان ئۆزگىرىش ۋە داۋاملىشىش باسقۇچلىرى؛ «-ىدا» بىلەن كەلگەندە «داۋامىدا، ئەسناسىدا» مەنىسىدە.
- English
- process, course, during
- 中文
- 过程、进程
- Türkçe
- süreç
- ئادەم بىلىمسىز ھالدا تۇغۇلىدۇ، ياشاش جەريانىدا ئۆگىنىدۇ. بىلىم بىلگەندىن كېيىن بارلىق ئىشتا ئۇتۇق قازىنىدۇ.
- ئاشۇ پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ ماڭا قىزىقىپ، مېنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىمنى ۋە نەدىن كەلگەنلىكىمنى سورىدى.