لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئۆرلە

örle

  1. يۇقىرىغا قاراپ كۆتۈرۈلمەك

    English
    rise, ascend, go up
    中文
    上升、升起
    Türkçe
    yükselmek
    • ئادەم بىلەن لىفت ئورتاق تېزلىنىشتا يۇقىرى ئۆرلىگەن، مىسالدا يەنە ئادەمنىڭ ماسسىسى بېرىلگەن.
    • مورىدىن ئىس ئاسمانغا ئۆرلىدى.

    قارشى مەنىلىك: چۈش

  2. باھا، سان، دەرىجە قاتارلىقلار ئاشماق

    English
    rise, increase
    中文
    上涨、提高
    Türkçe
    artmak, yükselmek
    • ئۈچىنچى ئايدا بۇغداي باھاسى ئۆرلەيدۇ.
    • تور بېتىمىز ئىشلىنىپ، بىر ئايغا قالمايلا سودىمىز بىر نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى.

    مەنىداش: ئاش

    قارشى مەنىلىك: چۈش