ئىگىلە
igile
بىرەر جاي، ئورۇن ياكى نەرسىنى ئۆز قولىغا ئالماق، تارتىۋالماق.
- English
- occupy, take, seize
- 中文
- 占领、占据
- Türkçe
- işgal etmek, ele geçirmek
- ئۆز رەقىبىنى قۇچاقلىيالىغان ئادەم تەشەببۇسكار ئورۇننى ئىگىلەپ باشقىلارنى تىزگىنلەش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
- دۈشمەن شەھەرنى ئىگىلىدى.
بىلىم، ماھارەت قاتارلىقلارنى پىششىق ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭكى قىلماق.
- English
- master, acquire
- 中文
- 掌握
- Türkçe
- öğrenmek, hâkim olmak
- تارىخ، پەلسەپە، ئەدەبىيات، ئېستېتىكا ۋە تەبىئىي پەنلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى خېلىلا مۇكەممەل ئىگىلىدى.
- ئۇ ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئىگىلىدى.