ئىنچىكە
inchike
توملۇقى ياكى كەڭلىكى ئاز، نېپىز.
- English
- thin, fine, slender
- 中文
- 细
- Türkçe
- ince
- ئۇلار ئەڭ ئىنچىكە يىپەك ۋە ئەڭ ياخشى ئالتۇنلارنى بېرىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىپتۇ.
- ئۇ ئىنچىكە يىپ بىلەن تىكتى.
قارشى مەنىلىك: توم
ئاۋاز توغرىسىدا: يۇقىرى ۋە نازۇك.
- English
- high-pitched, thin
- 中文
- 尖细
- Türkçe
- ince
- ئاۋازىمۇ قىزلارنىڭكىدەك ئىنچىكە ئىدى.
- «ئەجەب قىز بالىدەك ئىنچىكە سۆزلەيدىغان يېتىمكىنا بۇ؟ » دېدىم ئىچىمدە سەل كۈلگۈم كېلىپ.
ھەممە تەرىپىنى ئويلىغان، تەپسىلىي.
- English
- detailed, meticulous
- 中文
- 细致、仔细
- Türkçe
- ayrıntılı, titiz
- بۇ مەسىلىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش كېرەك.