لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئىنقىلاب

inqilab

  1. جەمئىيەت ياكى ھاكىمىيەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈپتىن، كەسكىن ئۆزگىرىش؛ قوزغىلاڭ.

    English
    revolution
    中文
    革命
    Türkçe
    devrim, ihtilal
    • ئابدۇخالىق ئۇيغۇر فېئودالىزم، جاھانگىرلىك، مۇستەبىت كۈچلەرگە قارشى شىددەتلىك ئىنقىلاب قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن.
    • بوۋام ئۇنى ھەتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان يىگىتلىك چاغلىرىدىمۇ يېنىدىن ئايرىمىغان ئىكەن.
  2. بىرەر ساھەدىكى تۈپكى ئۆزگىرىش.

    English
    revolution
    中文
    革命、变革
    Türkçe
    devrim
    • تېخنىكا ئىنقىلابى تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى.