لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئىمزا

imza

  1. كىشىنىڭ ھۆججەت قاتارلىقلارغا ئۆز قولى بىلەن يازىدىغان ئىسمى ياكى ئالاھىدە بەلگىسى

    English
    signature
    中文
    签名、签字
    Türkçe
    imza
    • مەن ئاخىرى ئاتام ۋە تۇغقانلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «ئوپېراتسىيە قىلىشقا قوشۇلۇش» جەدۋىلىگە ئىمزا قويدۇم.
    • شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىغا ئىمزا قويۇلغان كۈن شىركەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بولىدۇ.