لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئىشخانا

ishxana

  1. خىزمەت قىلىدىغان ئۆي ياكى بىنا

    English
    office
    中文
    办公室
    Türkçe
    ofis, büro
    • ئايخان ئانا ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.
    • ئىككى ئېغىزلىق ئۆي ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى قىلىندى.
  2. بىرەر ئىشنى باشقۇرىدىغان مەمۇرىي ئورگان

    English
    office, bureau
    中文
    办公室、办事处
    Türkçe
    büro, daire
    • ئۆلكىلىك رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى: پېرېۋوت نىسبىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ ئېتىراپ قىلدى.