لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تەكشۈر

tekshür

  1. بىرەر نەرسىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى، ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقماق.

    English
    check, inspect
    中文
    检查
    Türkçe
    kontrol etmek, denetlemek
    • ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئوقۇتقۇچىلارغا ماسلىشىپ ھەمىشە بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.
  2. بىرەر مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئۇچۇر توپلىماق.

    English
    investigate, look into
    中文
    调查
    Türkçe
    araştırmak, incelemek
    • ئاساسسىز گەپ قىلماڭ. ئەگەر تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز، بۇنداق خۇلاسە چىقارمىغان بولاتتىڭىز.

    مەنىداش: تەتقىق قىل