تېخى
téxi
بىرەر ئىش ياكى ھالەتنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئىنكار شەكلى بىلەن كەلگەندە بولسا ھازىرغىچە يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
- English
- still, yet
- 中文
- 还、尚
- Türkçe
- hâlâ, henüz
- -ئۇلۇغ ئادەملەرمۇ جاللاتلىق قىلىدۇ قىزىم، سەن بۇنى تېخى بىلمەيسەن.
- ئۇ تېخى ئۇخلاۋاتىدۇ.
ئالدىنقى ئەھۋالدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىشنى تەكىتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەتتا.
- English
- even, on top of that
- 中文
- 还、竟然
- Türkçe
- üstelik, bir de
- ئۆزى خاتا قىلىپ قويۇپ، تېخى مېنى ئەيىبلەيدۇ.