لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئالغا

algha

  1. ئالدى تەرەپكە، ئىلگىرىگە قاراپ

    English
    forward, ahead
    中文
    向前、前进
    Türkçe
    ileri
    • ئامپېر تازا ھېسابلاۋاتقاندا، «دوسكا» مىدىرلىدى-دە، ئاستا ئالغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلىدى.
    • قىسىم ئالغا ئىلگىرىلىدى.

    مەنىداش: ئىلگىرى

    قارشى مەنىلىك: كەينىگە

  2. تەرەققىيات، ياخشىلىنىش يۆنىلىشىدە (كۆپىنچە «ئالغا باس» شەكلىدە)

    English
    forward, onward
    中文
    前进、进步
    Türkçe
    ileri
    • ئادەم ئۆگىنىش بىلەن ئالغا باسىدۇ.