لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئاكتىپ1

aktip

  1. ئىشقا قىزغىن، تىرىشىپ قاتنىشىدىغان

    English
    active, enthusiastic
    中文
    积极、活跃
    Türkçe
    aktif, etkin
    • ئۇ سىنىپتا ئەڭ ئاكتىپ ئوقۇغۇچى.

    قارشى مەنىلىك: پاسسىپ

  2. ئىلىم خىمىيەلىك ياكى فىزىكىلىق رېئاكسىيەگە ئاسان كىرىدىغان

    English
    active, reactive
    中文
    活性、活泼
    Türkçe
    aktif
    • ئازوت گازىنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ ئەمەس، شۇڭا ئۇ قوغدىغۇچى گاز قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
    • ئارتۇق مىقداردىكى رادىئو ئاكتىپ نۇرلار ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارغا زىيانلىق.