لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئاغىز

aghiz

  1. ئاناتومىيە يۈزدىكى يېمەك-ئىچمەك كىرىدىغان، سۆزلەشكە ئىشلىتىلىدىغان ئەزا.

    English
    mouth
    中文
    嘴、口
    Türkçe
    ağız
    • ئاغزىغا كەلگەننى دېمەك ناداننىڭ ئىشى، ئالدىغا كەلگەننى يېمەك ھايۋاننىڭ ئىشى.
    • بۇ سوئال بىلەن قاغىنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قاپتۇ.
  2. قاچا، خالتا، ئۆڭكۈر قاتارلىقلارنىڭ ئېچىلىدىغان يېرى؛ كىرىش جايى.

    English
    mouth, opening, entrance
    中文
    口、入口
    Türkçe
    ağız
    • بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ قويۇڭ.

شەكىللىرى: ئاغزى