لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئاسرا

asra

  1. زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلماق، قوغدىماق

    English
    protect, take care of
    中文
    爱护、保护
    Türkçe
    korumak, esirgemek
    • كۆڭۈل گويا شىشە، ئۇنى بەك ئاسرا سۇنۇپ كەتمىسۇن.
    • تېرە ئاسراش يۈرۈشلۈكى قورۇق يوقىتىش ھەم قورۇق چۈشۈشكە قارشى تۇرۇش، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

    مەنىداش: قوغدا

  2. بالا، قېرى ياكى ھايۋانغا قاراپ بېقىپ ئاۋايلىماق

    English
    look after, care for
    中文
    照顾、抚养
    Türkçe
    bakmak
    • ئۆلۈككە يىغلا، تىرىكنى ئاسرا.
    • ئۇ يېتىم بالىنى ئاسراپ چوڭ قىلدى.