لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئالدى

aldi

  1. بىرەر نەرسە ياكى كىشىنىڭ يۈزى قارىغان تەرىپى ۋە شۇ تەرەپتىكى ئورۇن.

    English
    front, in front of
    中文
    前面、前边
    Türkçe
    ön
    • -قايسى ئەر نومۇس قىلماي ئاياللارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالسا، ئېتىۋېتىڭ!
    • مەكتەپنىڭ ئالدىدا چوڭ بىر مەيدان بار.

    قارشى مەنىلىك: ئارقا، كەين

  2. مەلۇم ۋاقىت ياكى ۋەقەدىن بۇرۇنقى ۋاقىت.

    English
    before, prior to
    中文
    之前、以前
    Türkçe
    önce
    • -ئاغىنە، بىر ئاينىڭ ئالدىدا ساڭا دېگەن ھېلىقى گېپىم ئېسىڭدە باردۇ،
    • ئىمتىھان ئالدىدا ئۇ كۆپ تەييارلىق قىلدى.

    مەنىداش: بۇرۇن

    قارشى مەنىلىك: كېيىن