ئاجرات
ajrat
بىر-بىرىگە قوشۇلغان نەرسىلەرنى ئايرىماق
- English
- separate, detach
- 中文
- 分开、分离
- Türkçe
- ayırmak
- مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ.
مەنىداش: ئايرى
ۋاقىت، پۇل ياكى كۈچنى مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن ئايرىپ بەرمەك
- English
- allocate, set aside, devote
- 中文
- 抽出、拨出
- Türkçe
- ayırmak
- مۇشۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن ئەقىل، كۈچ، ۋاقىت ئاجراتقان قېرىنداشلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
- ھەر كۈنى بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ كىتاب ئوقۇيمەن.
بىئولوگىيە بەدەن ياكى ئۆسۈملۈك سۇيۇقلۇق قاتارلىقلارنى سىرتقا چىقارماق
- English
- secrete
- 中文
- 分泌
- Türkçe
- salgılamak
- ئاق شەمشاد بىر خىل سۈپىتى ياخشى دەرەخ يېلىمى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.