ھۇجۇم
hujum
قوراللىق كۈچلەر ياكى بىرەر گۇرۇپپىنىڭ دۈشمەنگە ياكى بىرەر نىشانغا قارشى زوراۋانلىق بىلەن قىلغان ھەرىكىتى.
- English
- attack, assault, offensive
- 中文
- 进攻、袭击
- Türkçe
- saldırı, hücum
- بۈگۈن ئەتىگەن ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
- جىمىسار مۇداپىئەسىدىكى چېرىكلەر قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا بىر كۈنمۇ بەرداشلىق بېرەلمىدى.
قارشى مەنىلىك: مۇداپىئە
سۆز ياكى يازما ئارقىلىق بىرەر كىشى ياكى قاراشنى قاتتىق تەنقىد قىلىش، ئەيىبلەش.
- English
- attack, criticism
- 中文
- 抨击、攻击
- Türkçe
- saldırı, eleştiri
- ئۇ ماقالىسىدە رەقىبىنىڭ قارىشىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلدى.