لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ھۆججەت

höjjet

  1. رەسمىي ئىشلارغا ئىسپات ياكى ئاساس بولىدىغان يېزىقچە ماتېرىيال، قەغەز ياكى كېنىشكە.

    English
    document, paper, file
    中文
    文件、文献
    Türkçe
    belge, evrak
    • ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل تارىخىي ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.
    • ئۇ پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى تەييارلىدى.
  2. كومپيۇتېر كومپيۇتېردا مەلۇم نام بىلەن ساقلانغان ئۇچۇر توپلىمى.

    English
    file
    中文
    文件
    Türkçe
    dosya
    • ئەگەر ئۈستەل يۈزىگە قۇرماقچى بولساق، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، «ھۆججەت قۇرۇش» نى باسىمىز.
    • مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ھۆججەت ۋە ھۆججەت خالتىسىنى تاپالمىدىم.